ئالماس

تاماملانغان تۈرلەر

2004 جۇڭگو قورال-ياراق گۇروھى -207تەتقىقات ئورنىنىڭ APU155 ئۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىنى ئەرەبچىلەشتۈرۈش تۈرى

بۇ سىستېما ئىلغار ئۇچۇر ۋە ئېلېكترون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، قىسىم ۋە ھەربىي قورال - ياراقلارغا قۇماندانلىق قىلىدىغان ياكى كونترول قىلىدىغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئەقلىيلەشتۈرۈلگەن، كۆپ ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئونىۋېرسال سىستېما.

2004 ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى(ئۇيغۇرچە)

بۇ سىستېما ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاپ توپلايدىغان، ئوقۇچىلارنى ئىمتىھان مەيدانغا ئاپتوماتىك ئورۇنلاشتۇرىدىغان، ئىمتىھان نەتىجىسىنى كىرگۈزىدىغان، جەملەيدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە نەتىجە ئېلان قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان باشقۇرۇش سىستېمىسى.
 

2005 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سىستېمىسى(خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە)

بۇ سىستېما پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق لاتارىيە نۇقتىلىرىنى تور ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش، ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى يۈكسەك ئۇچۇرلاشتۇرىدىغان ۋە ئاپتوماتلاشتۇرىدىغان ئونىۋېرسال سىستېما. بۇ سىستېما ئارقىلىق لاتارىيە ھەۋەسكارلىرى ھەرخىل ئويناش ئۇسۇللىرىنىڭ نومۇرلىرىنى ئاپتوماتىك شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزلىرى ياقتۇرغان نومۇرلارنى تاللاپ سېتىۋالالايدۇ ھەمدە كومپيۇتېر ئارقىلىق ھەرخىل تەھلىللەرنى ئېلىپ بارالايدۇ. 

2006-2005 ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈشىگە ئەقلىي ھۆكۈم قىلىش سىستېمىسى(خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە-قازاقچە)

بۇ سىستېما يۈكسەك دەرىجىدە ئەقلىيلەشتۈرۈلگەن ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان سىستېما بولۇپ، ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىش، ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، بارلىق نەتىجىلىرىنى توپلاش، ئوقۇغۇچى ئاساسىي ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش؛ يېزىقچە ۋە ئەمەلىي پەن ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى ئېنىقلاش ۋە تەكشۈرۈش؛ كونا دەرس نەتىجىلىرىنى يېڭى دەرس نەتىجىلىرىگە ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش؛ دەرسلىك پىلانىغا ئاساسەن شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ئاپتوماتىك ھۆكۈم قىلىش؛ ئوقۇش پۈتكۈزەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۇرۇپ چىقىرىش؛ ۋىلايەت، كەسىپلەر بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىستاتىستىكىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىر گەۋدە قىلغان. بۇ سىستېما شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلەردىكى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.

2007-2006 ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ سانلىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى(خەنزۇچە)

بۇ سىستېما دۆلەتلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ نەتىجە سېلىشتۇرۇش تىزىملىكىنى بېسىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجە تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە بېسىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك بولغان پەن نەتىجە تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە بېسىش، ئوقۇغۇچىلار نەتىجە ئۇچۇرىنى چىقىرىپ يۇقىرىغا يوللاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىدۇ.
 

2007 ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئورۇنلارغا ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى(خەنزۇچە)

بۇ سىستېما ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغان ۋە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىغان، مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق بۇ ئىمتىھانىغا قىزىققۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تور ئارقىلىق توپلايدىغان، تىزىملاتقۇچىلار ئۇچۇرىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىنىڭ تولدۇرغان ئۇچۇرى ۋە ھازىرلىغان قابىلىيىتىگە ئاساسەن بۇ ئورۇنغان ماس كىلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا ئاپتوماتىك ھۆكۈم قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرىنى توردا تۇرۇپلا بېسىپ چىقىرالايدىغان باشقۇرۇش سىستېمىسى.
 

2008-2007 ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئورۇنلارغا ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى نەتىجە تەھلىل قىلىش، نومۇر سىزىقى بەلگىلەش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى رەتكا تۇرغۇزۇش، تاللاش باشقۇرۇش سىستېمىسى(خەنزۇچە)

ئىمتىھان قاتناشقۇچىلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى يەككە پەن تۈرى بويىچە تەھلىل قىلىپ، تەسىس قىلىنغان ئورۇن سانى ۋە شەرتىگە ئاساسەن شۇ پەننىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئاپتوماتىك بەلگىلەيدۇ؛ ھەر ئورۇنغا نىسبىتەن 1:3 نىسبەت بويىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشالايدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ ئورۇنغا تىزىملاتقانلارنىڭ رەت تەرتىپنى بەلگىلەيدۇ ھەمدە نەتىجىسى ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنى تەڭداش رەتكە تىزىدۇ؛ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسىنى بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە ھېسابلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومومىي نەتىجىسىگە ئاساسەن شۇ ئورۇنغا كىرگەن ئادەملەر تىزىملىكىنى بېكىتىپ چىقىدۇ.

2008 ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى(خەنزۇچە)

ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى ۋە ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە قارىتا رەقەملەشتۇرۇش، رەتلەش، ئارخىپلاشتۇرۇش؛ ئوقۇغۇچى ئۇچۇرلىرىنى تېز سۈرئەتتە ئىزدەپ تېپىش، ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى ئۆلكە ئاتلاپ يوتكەش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار.

2009 چىڭخۇا زىگۇاڭ گۇروھى ئۇچۇر ئوقۇش (OMR) ئۆسكۈنىسىنىڭ قوزغاتقۇچ پىروگراممىسى(خەنزۇچە) ئۇچۇر كارتىسى ئوقۇش ئۈسكۈنىسىنى كونترول قىلىش ۋە باشقۇرۇش پىروگراممىسى.

2009 چىڭخۇا زىگۇاڭ گۇروھى ئۇچۇر ئوقۇش (OMR) ئۆسكۈنىسىنىڭ قوزغاتقۇچ پىروگراممىسى(خەنزۇچە) ئۇچۇر كارتىسى ئوقۇش ئۈسكۈنىسىنى كونترول قىلىش ۋە باشقۇرۇش پىروگراممىسى.

2010 يېزا قوش تىللىق يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى(خەنزۇچە)

بۇ سىستېما يېزا قوش تىللىق يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغان ۋە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىغان، مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق بۇ ئىمتىھانىغا قىزىققۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تور ئارقىلىق تىزىملاپ توپلايدىغان، تىزىملاتقۇچىلار ئۇچۇرىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىنىڭ تولدۇرغان ئۇچۇرى ۋە ھازىرلىغان قابىلىيىتىگە ئاساسەن، بۇ ئورۇنغان ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا ئاپتوماتىك ھۆكۈم قىلىدىغان،شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرىنى توردا تۇرۇپلا بېسىپ چىقىرالايدىغان باشقۇرۇش سىستېمىسى.

1 2 3