ئالماس

تاماملانغان تۈرلەر

2010 يېزا قوش تىللىق يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى نەتىجە تەھلىل قىلىش، نومۇر سىزىقى بەلگىلەش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى رەتكا تۇرغۇزۇش، تاللاش باشقۇرۇش سىستېمىسى(خەنزۇچە)

يېزا قوش تىللىق يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى يەككە پەن تۈرى بويىچە تەھلىل قىلىپ، تەسىس قىلىنغان ئورۇن سانى، شەرتىگە ئاساسەن شۇ پەننىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئاپتوماتىك بەلگىلەيدۇ. ھەر ئورۇنغا نىسبىتەن، 1:3 نىسبەت بويىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشالايدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ ئورۇنغا تىزىملاتقانلارنىڭ رەت تەرتىپنى بەلگىلەيدۇ ھەمدە نەتىجىسى ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنى تەڭداش رەتكە تىزىدۇ؛ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسىنى بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە ھېسابلاپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىگە ئاساسەن شۇ ئورۇنغا كىرگەن ئادەملەر تىزىملىكىنى بېكىتىدۇ.

2011-2010 ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئونېۋېرسال باشقۇرۇش سىستېمىسى(خەنزۇچە)

بۇ سىستېما ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش، ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاپتوماتىك ھۆكۈم قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سىستېملىق باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچى ئۇچۇرلىرىنى دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە رەتلىك، ئۆلچەملىك يوللاش قاتارلىق كەسىپ ۋە خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملىك، تېخىمۇ ئاپتوماتىك ھالدا يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە تاماملاش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلغان ئونىۋېرسال سىستېما . ئۇ سىستېما ئاساسىي كود جەدۋەللىرىنى باشقۇرۇش، سىستېما ئىشلەتكۈچىلەرگە ھوقۇق تەقسىم قىلىش، ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىنى ھەرخىل ستاتىستىكىلاش،ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئەقلىي ھۆكۈم قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلار ئېلېكترونلۇق ئارخىۋىنى باشقۇرۇش، سىستېما ئاسراش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىر گەۋدە قىلغان.
 

2010 ئالىي مەكتەپ ئېنگلىزتىلى ئىمتىھانىنى تور ئارقىلىق ئېلىش سىستېمىسى (خەنزۇچە)

بۇ سىستېما ئالىي مەكتەپ ئېنگلىز تىلى سۇئال ئامبىرى قۇرۇش، تۈر ۋە دەرىجىگە ئايرىش ؛ ئىمتىھان مەيدانىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان، ئەمما قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولغان سوئال چىقىرىش؛ ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق كۆچۈرمىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئىمتىھان ۋاقتى توشقاندا كومپيۇتېر ئاپتوماتىك سوئال يىغىش، قەغەز تاپشۇرغان ھامان مۇلازىمىتىر ئاپتوماتىك سوئال تەكشۈرۈپ ، شۇ ھامان نەتىجىنى چىقىرىش ؛ ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا نەتىجىلىرىنى كىرگۈزۈش كۆزنىكى تەمىنلەش؛ ئاپتوماتىك نەتىجە جەملەش، نەتىجە تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن.
 

2010 ئالتۇن زىبۇـ زىننەت سودا باشقۇرۇش سىستېمىسى (ئۇيغۇرچە)

بۇ سىستېما ئالتۇن زىبۇ ـ زىننەت سودىگەرلىرىنىڭ سودا ئىشلىرىنى ئولچەملەشتۈرۈش؛ قېلىپلاشتۇرۇش؛ كىرگەن-چىققان مالنىڭ ھېساۋاتى، دۇكاندىكى مال سانى، سودىدىكى ئېلىم-بېرىم ۋە كىرىم-چىقىم ئىشلىرىنى ئېنىق،توغرا قىلىش؛ ئالتۇن زىبۇـ زىننەت سودىسى جەريانىدىكى كىرگۈزگەن مالنى ئېلېكترونلۇق تارازا ئارقىلىق ئېنىق، توغرا ئۆلچەش ۋە تىزىملاش؛ ھەر بىر مالغا بىردىن تاياق كود بەلگىلەپ مال سېتىش جەريانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش؛ سېتىلغان مالغا پرىنتېر ئارقىلىق تالۇن بېسىپ چىقىرىش؛ ھەرتۈرلىك ستاتىستىكىلىق جەدىۋەلنى ھاسىل قىلىش؛ كومپيۇتېر تورى، يانفون ئارقىلىق يەر شارىنىڭ خالىغانچە جايىدا تۇرۇپ كۈندىلىك تىجارەت ئەھۋالىنى ئېنىقلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن. 

2012 جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گۇروھى شىنجاڭ تارماق شىركىتى «جۇلا » ئەپ بازىرى سۇپىىسى (ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە)

نۆۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولماقتا ھەمدە ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ پۇرسەتنى ئالدىن تونۇپ يەتكەن ئالماس كومپيۇتېر شىركىتىمىز 2012 -يىلى جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتى بىلەن ، ساپ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى«جۇلا » ئەپ بازىرى سۇپىىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلاپ ، شۇ يىلى 6 -ئاينىڭ 1 -كۈنى رەسمى ئىلان قىلدۇق. بۇ سۇپا بولسا ئەپ چۈشۈرۈش تور بىتى، ئەپ يوللاش تور بىتى، سۇپا باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستىكىلاش سىستېمىسى، Android ۋە iPhone ئەپى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان كەسىپ زەنجىرىنى ھاسىل قىلغان. بۇ سۇپا ئارقىلىق كەڭ ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىمىز ئۆزى ياقتۇرغان ئەپلەرنى كومپيۇتېر، ئەقلىي يانفون ئارقىلىق چۈشۈرۈۋالالايدۇ.

2012 باي ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى يېزا-بازار داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى(خەنزۇچە)

بۇ سىستېما يېزا-بازار داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش، بىر گەۋدە قىلىش، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلغان . ئۇ يېزا-بازار داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى بىر تۇتاش، پىلانلىق، سىستېمىلىق تارقىتىش، ياردەم مەبلىغىگە ئېرشكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى رەتلىك باشقۇرۇش، ياردەم مەبلىغىنىڭ تارقىتىلىش سوممىسىنى يەككە ئادەم ۋە مەلۇم دائىرە بويىچە ئىستاتىستىكىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە. بۇ سىستېما ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنى ئاپتوماتىك تونۇيدىغان بولۇپ، ياردەم مەبلىغىگە ئېرشكۈچىنىڭ كىملىكى ئارقىلىق ئۇچۇرلىرى كومپيۇتېرغا ئاپتوماتىك كىرگۈزۈلىدۇ، مەشغۇلات جەريانى ئىنتايىن ئاددىي ھەم قولايلىق. ئالماس كومپيۇتېر شىركىتى -2010يىلدىن باشلاپ ئاساسىي كۈچىنى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلىشىدىغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئېچىش ۋە ياساشقا قارىتىپ، بۇ جەھەتتە ئالاھىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

2011 _ 2010 Android كۆپ خىل يېزىقلارنى ئارىلاش كۆرسىتىش تېخنىكىسى

مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ 4.0 دىن تۆۋەن نەشرلىرى، يادروسىدىن ئۇيغۇرچىنى تازا ياخشى قوللاپ كەتمىگەچكە،2011_ 2010يىللىرى جاپالىق تىرىشىش ۋە تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەلگە توختىماي ھوجۇم قىلىش ئارقىلىق Android مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كۆرسىتىش بۆلىكىنى قايتىدىن يېزىپ ، ھەرقانداق يانفونلاردا نورمال ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقلارنى ئارىلاش كۆرسىتىلەيدىغان تېخنىكىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىجاد قىلىپ چىقتۇق.

2011_ 2010 Android لىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ،كۆرسىتىش بولىقى

Android V2.2 دىن يۇقىرى بولغان كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى ئەپلەرگە قىستۇرسىلا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتەلەيدىغان ۋە كىرگۈزەلەيدىغان ئۇيغۇرچە بولاقنى تەتقىق قىلىپ چىقتۇق (بۇ بولاق بىز ياساپ چىققان بارلىق ئەپلەردە ۋە باشقا شىركەتنىڭ ئەپلىرىدە كەڭ ئىشلىتىلمەكتە). بىز ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ۋە كىرگۈزۈش تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاساسىي نىشاننى ئەپ تەتقىق قىلىش ۋە ياساشقا قارىتىپ ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن ئەپلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق.

2012 Android ،iPhone ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر سۇپىسى «كەپتەر » نى تەتقىق قىلىپ ياسىدۇق

« كەپتەر » قىسقا ئۇچۇر سۇپىسى _ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان كونا يېزىقتا ئۆزئارا قىسقا ئۇچۇر يوللىيالماسلىقتەك تارىخى مەسلىگە خاتىمە بەرگەن ، ئۇ تۇنجى بولۇپ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق Android ،iPhone يانفونلاردا، مەنانى توغرا ئىپادىلەلەيدىغان كونا يېزىقتا بىمالال ئۆزئارا قىسقا ئۇچۇر يوللىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. «كەپتەر » قىسقا ئۇچۇر سۇپىسى _ كونا يېزىقچە قىسقا ئۇچۇر يېزىش، يوللاش، قوبۇل قىلىش، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قىسقا ئۇچۇر ئەندىزىسى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن.
 

2012 ئۇيغۇرچە تور كۆرگۈ ئەپى(UC تور كۆرگۈگە ئوخشاپ قالىدۇ)

Androidئۇيغۇرچە تور كۆرگۈ ئەپى بولسا Androidيانفونلاردا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىكى مەزمۇنلارنى نورمال كۆرگىلى بولماسلىقتەك قىيىن تېخنىكىلىق مەسىلىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلغان بولۇپ، سىز بۇ ئەپ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى تور دۇنياسىدا خالىغانچە سەيلە قىلالايسىز؛ ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى سىز چۈشىنەلەيدىغان مەزمۇنلارنى نورمال كۆرۈپ مەنىۋى جەھەتتىكى تەشنالىقىڭىزنى قاندۇرالايسىز.

1 2 3