ئالماس

تاماملانغان تۈرلەر

2012 Android ،iPhone ئۇيغۇرچە تور بەتلەر يول باشچىسى ۋە تۇرمۇش بىلىملىرى كانى - « يولباش » ئەپى

ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ يان تېلېفوندىكى جەمگاھى ۋە ئۇچۇر بايلىق غەزىنىسى بولغان ئالماس« يولباش » ئەپى بولسا ئۇيغۇرچە نوپۇزلۇق تور بەتلەر جەمگاھى، كۈندىلىك خەۋەر، مۇنبەر يېڭىلىقلىرى، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار، ساغلاملىق يېڭىلىقلىرىنىڭ ئۈنۈملىك يىغقۇچىسى ۋە يەتكۈزگىچىسى؛ دائىملىق تېلېفون نومۇرلىرىنىڭ ياندىكى خاتىرىسى؛ قانۇن، تۇرمۇش، خانىم-قىزلار، ساغلاملىق بىلىملىرى، يۇمۇر، شېئىر قاتارلىقلارنىڭ غەزىنىسى؛ دۇنيادىكى ھەرخىل مەنزىرە رەسىملىرى، ماشىنا ۋە چولپانلار رەسىملىرى كانىدۇر.

2012 تۇرمۇش ياردەمچىسى - « كەزگۈ » ئەپى

بۇ ئەپ خەنزۇچە خەتلەرنىڭ كودى ۋە پىنيىنىنى تېپىش، يان تېلېفون تەۋەلىكىنى ئېنىقلاش، رايون نومۇرى ئىزدەش، پوچتا نومۇرى ئىزدەش، يان تېلېفون ھەققى سۈرۈشتۈرۈش، IP تەكشۈرۈش، پويىز ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن كىملىك ئىگىسىنىڭ تەۋەلىكى، تۇغۇلغان ۋاقتى، جىنسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن.

2012 شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان يېتەكچىسى ئەپى

بۇ شوپۇرلۇق نەزەرىيە بىلىملىرىنى ھەر ۋاقىت ھەر جايدا يان تېلېفون ئارقىلىق ئۆگىنىپ، شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان ئەپ بولۇپ، خەلقمىزگە ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدۇ.

« 2012توغراق » تورى ۋە ئۇنىڭ Android ،iPhone يان تېلېفون ئەپى

توغراق تورى دىيارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە تور بېكەت ياشىن تورىغا قاراشلىق ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال تور بېكەت بولۇپ، تور ۋە يان تېلېفون ئارقىلىق دۇنيادا بولۇۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى سىزگە ئەڭ تېز يەتكۈزىدۇ. ياشىن تور بېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن توغراق تورى ۋە ئۇنىڭ Android، iPhone يان تېلېفون ئەپىنى ياساپ بەردۇق.

2012 ئۇيغۇرچە كىتاب، ژۇرنال، گېزىت ئوقۇش سۇپىسى-« بۇلاق »

« بۇلاق »كىتاب ئوقۇش سۇپىسى Android ،iPhone، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي تېلېۋىزور قاتارلىق ئەقلىي ئۈسكۈنىلەردە تەڭلا ئىشلەيدىغان ئېلېكترونلۇق كىتاب، ژۇرنال، گېزىت ئوقۇش سۇپىسى بولۇپ، شىركىتىمىز -2012يىلى جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گۇروھى شىنجاڭ تارماق شىركىتىگە ياساپ بەرگەن. بۇ سۇپا مەزمۇن يوللاش تور بېتى، سۇپا باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستىكىلاش سىستېمىسى، Android ،iPhone ئەپى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن، ناھايىتى مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى ھاسىل قىلغان. بۇ سۇپا ئارقىلىق يازغۇچى ئەدىبلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى بۇ سۇپىغا يوللاپ خەلقىمىزگە سۇنالايدۇ. ئوقۇرمەنلەر ھەر ۋاقىت ھەر جايدا يان تېلېفون ئارقىلىق ئۆزى ياقتۇرغان كىتاب، ژۇرنال، گېزىت قاتارلىقلارنى ئوقۇپ پايدىلىنالايدۇ.
 

2013 ئۇيغۇرچە مەخسۇس ژۇرنال ئوقۇش سۇپىسى -« Yurnal »

ژۇرنال ئوقۇش سۇپىسى Android، iPhone، تاختا كومپيۇتېر، كومپيۇتېر، ئەقلىي تېلېۋىزور قاتارلىق ئەقلىي ئۈسكۈنىلەردە تەڭلا ئىشلەيدىغان مەخسۇس ژۇرنال ئوقۇش سۇپىسى بولۇپ، شىركىتىمىز -2013يىلى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. بۇ سۇپا مەزمۇن يوللاش تور بېتى، ژۇرنال كۆرۈش تور بېتى، سۇپا باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستىكىلاش سىستېمىسى، Android ،iPhone ئەپى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن، ناھايىتى مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى ھاسىل قىلغان. بۇ سۇپا ئارقىلىق ژۇرنال تەھرىراتلىرى، يازغۇچى ئەدىبلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى بۇ سۇپىغا يوللاپ خەلقىمىزگە سۇنالايدۇ. ئوقۇرمەنلەر ھەر ۋاقىت ھەر جايدا يان تېلېفون ئارقىلىق ئۆزى ياقتۇرغان ژۇرناللارنى، زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ئوقۇپ پايدىلىنالايدۇ. 
 

2013 ئۇيغۇرچە سىن كۆرۈش، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، رادىيو ئاڭلاش سۇپىسى-« تاپقۇ »

« تاپقۇ » بولسا يان تېلېفون ئارقىلىق سىن كۆرۈش، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، رادىيو ئاڭلاشنى بىر گەۋدە قىلغان، ئىقتىدارى مۇكەممەل، مەزمۇنى مول ئۇيغۇرچە سۇپا. بۇ سۇپا مەزمۇن يوللاش تور بېتى، سۇپا باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستىكىلاش سىستېمىسى، Android ،iPhone ئەپى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن ، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى ھاسىل قىلغان. بۇ سۇپا ئارقىلىق ئۈن-سىن مەزمۇن ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى بۇ سۇپىغا يوللاپ خەلقىمىزگە تېز سۈرئەتتە سۇنالايدۇ. 

2013-2014 تەڭرىتاغ تورىنىڭ تۈركچە نۇسخىسى ۋە Android، iPhone ئەپى

ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال تور بېكەت - تەڭرىتاغ تورى ئۆزىنىڭ تەسىر دائېرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، شىنجاڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، تۈركى خەلقلىرىنى ئەڭ قولايلىق ۋاستە ئارقىلىق شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تەڭرىتاغ تورىنىڭ تۈركچە نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭ Android ،iPhone ئەپلىرىنى ياساشنى شىركىتىمىزگە ھاۋالە قىلدى. بۇ تور بېكەت ۋە ئەپلەر دىيارىمىزدا بولۇۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىقلارنى كومپيۇتېر تورى ۋە كۆچمە تور ئارقىلىق ئەڭ تېز سۈرئەتتە دۇنيا خەلقىگە يەتكۈزىدۇ.
 

2013-2014 تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ Android ،iPhone ئەپى

ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال تور بېكەت - تەڭرىتاغ تورى ئۆزىنىڭ تەسىر دائېرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، تېخنىكا ئۈستۈنلۈك ئوبرازىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش، كەڭ ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارغا يېڭى ۋاستە ئارقىلىق تېخىمۇ قولايلىق ئۇچۇر ئىگىلەش شارائىتى تەمىنلەش، تور بېتىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەپ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى تەڭرىتاغ تورىنىڭ Android، iPhone ئەپلىرىنى قايتىدىن ياساشنى قارار قىلىپ، بۇ تۈرنى كۆپ شىركەت ئىچىدىن تاللاپ شىركىتىمىزنىڭ تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا تاپشۇردى. بىز بۇ تۈرنى -2014يىلى -2ئايدا ئوڭۇشلۇق تاماملاپ ئىشلىتىشكە تاپشۇردۇق.

1 2 3