ئالماس

ئەپچىلەم

ئەپچىلەم

تۈرى : Android ئەپلىرى

نەشىرى : 1.0

چوڭلۇقى : 32.91MB

ۋاقتى : 2015- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى

باھاسى : 0 يۈەن

چۈشۈرۈش

مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى

ئالماستىن يەنە بىر خوش-خەۋەر! ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى قەھرىمانى زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاستىللىرىدە جۇلالاندى! كىم ئۇيغۇرلارنى خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدىغان، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، ئۆزگىچە يېڭى ئۇسلۇبتىكى ئويۇنلارنى ياسىيالمايدۇ دەيدۇ؟ شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال شىركىتى "چىن تۆمۈر باتۇر" ناملىق يانفون ئويۇنىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، يېڭىدىن يەنە بىر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى قەھرىمانىنى باش پېرسوناژ قىلغان "ئەپچىلەم"دېگەن ئويۇننى ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ، ياساپ بازارغا سالدى. بۇ ئويۇندا باش پېرسوناژنىڭ كىيىنىشى، ئويۇن كۆرۈنۈشى، ئارقا سەھنە مۇزىكىسى قويۇق مىللىي پۇراق ، ئويۇن ئويناش ماھارەتلىرى، ئويۇننىڭ ئويناش ئۇسلۇبى ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتلەردە بولسا كۈچلۈك زامانىۋىلىق ئەكىس ئەتكەن. ئالاھىدىلىكى: باش پېرسوناژ يۈگۈرۈش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتسە، شۇ جايدا قايتا تىرىلىشنى تاللىسا بولىدۇ، قايتا تىرىلىش ئۈچۈن تەڭگە كىتىدۇ، ئەگەر تەڭگە يەتمىسە قايتا تىرىلدۈرگىلى بولمايدۇ. تەڭگىگە ئويۇننى ئويناش جەريانىدا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نومۇرغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر نومۇر يەتمىسە "نومۇر ئالىمەن" دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ ئۆزىگە لازىملىق ئەپلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق نومۇرغا ئېرىشەلەيدۇ.