ئالماس

ئالماس زىبۇ-زىننەت سودا باشقۇرۇش سىستېمىسى

ئالماس زىبۇ-زىننەت سودا باشقۇرۇش سىستېمىسى

تۈرى : PC يۇمتال

نەشىرى : v2.0

چوڭلۇقى : 56.05KB

ۋاقتى : 2015- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى

باھاسى : 6000 يۈەن

مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى

قېرىندىشىم سىز تېخىچە ھەر كۈنى بىر-ئىككى سائەت قولدا ھىساۋات قىلىپ،ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلمىگىنىدىن ، ھىساۋاتنىڭ توغرا چىقمىغىنىدىن بىئارام بولۇۋاتامسىز؟

دۇككىنىڭىزدىكى مالنىڭ تۈرى ، سانى  ۋە ئومۇمى ئېغىرلىغىنى ئېنىق چىقىرالمايۋاتامسىز؟

دۇككىنىڭىز چوڭايغانسىرى خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ساداقىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتامسىز؟

دۇككىنىڭىزدا يۈتۈپ كەتكەن مالنىڭ ئورنىنى تاپالمايۋاتامسىز؟

دۇككىنىڭىزدىكى  مالنىڭ كىمگە، قاچان سېتىلغانلىقىنى بىلگىڭىز بامۇ؟

ئۇنداقتا ئالماس زىبۇ-زىننەت سودا باشقۇرۇش سىستېمىسىنى سىناپ كۆرۈڭ

سىستېما ئالاھىدىلىكى

بۇ سىستېما زىبۇ-زىننەت سودا باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ قۇلايلىق،توغرا،ئاسان بۇلۇشى ھەمدە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۇچۇن ئىشلەپ بازارغا سېلىندى

تېز،توغرا،ئۆلچەملىك ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ

ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ

سىستېما ئېلىكترونلۇق تارازا ئارقىلىق ئالتۇن ئېغىرلىقىنى يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئوقۇپ چىقىدۇ

ھەر بىر مالغا تاياق كود شەكىللەندۈرۈپ نەپىس بولغان ماركا بېسىپ چىقىرىدۇ

تاياقلىك كود ئوقۇغۇچ ماركىدىكى مال ئۇچۇرىنى تېز ھەم توغرا ئوقۇپ مال سېتىشنى قولايلىق قىلىدۇ

خېرىدارلارغا ئاپتوماتىك ھالدا ئۆلچەملىك مال سېتىۋېلىش تالۇنى چىقىرىپ بىرىدۇ

تېز سۈرئەت ۋە ئەڭ قولايلىق ئامبار ئېنىقلاش ئىقتىدارى سەپلەنگەن

تېز سۈرئەتتە سېتىلغان مال ئۇچۇرى ۋە ئامبار قالدۇقىنى ئىزدەپ تاپىدۇ

كىرگۈزۈلگەن مال،سېتىلغان مال،ئامبار قالدۇقى،پايدا-زىيان ئەھۋالىنى توغرا سىتاتىستىكىلايدۇ ھەمدە ستاتىستىكا نەتىجىسىنى EXCEL غا چىقىرىدۇ ۋە بىۋاستە بېسىپ چىقىرىدۇ

خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئاساسەن سىستېمىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى بۆلۈپ بىرىدۇ

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق ئەھۋالدا سىستېمىغا ئۇيغۇرچە يېزىقنى نورمال كىرگۈزگىلى بولىدۇ

سانداننى زاپاسلاش ۋە قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە

سىستېمىنىڭ يەككە كومپيۇتېر ۋە مۇلازىمىتىر نۇسخىسى تەمىنلەنگەن

توردا تەكشۈرۈش ۋە ئەقلىي تېلېفوندا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى سەپلەنگەن